قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېف، جۈمە كۈنى قازاقىستاننىڭ ھازىرقى دېموكراتىيە خاتىرىسىنى ئاقلاپ، قازاقىستاندا ئۇكرائىنىيە بىلەن گروزىيە ئىستىلىدىكى ئىنقىلاب قوزغاشنىڭ قازاقىستاننى پاراكەندىچىلىككە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. نەزەربايېف، " دېموكراتىيە بىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق، بىراق دېموكراتىيە يولىمىزنىڭ باشلانغۇچى ئەمەس،" دەپ كۆرسەتتى.
نەزەربايېف، يۇقىرىقى سۆزلەرنى قازاقىستان پارلامېنت بىناسىنىڭ پۈتۈش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلىگەن قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىدىكى سۆزىدە تەكىتلىگەن. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى، قازاقىستاندا ھازىرغا قەدەر ئەركىن ۋە ئادىل سايلام ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
" رادىكال ئۆزگۈرۈشلەر دۆلەتنى پاراكەندىچىلىككە سۆرەپ كىرىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن نەزەربايېف، قازاقىستاننىڭ غەرب ئىستىلىدىكى دېموكراتىيە بىلەن ئاسىيانىڭ ئالاھىلىدىكىنى بىرلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قازاقىستاندا ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسىدىكى ئۆكتىچىلەر سىقىپ چىقىرىلغان. شۇ قېتىمقى سايلام ئۆكتىچى پارتىيىلەر شۇنداقلا خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۆتكەن يىلى پارتلىغان گروزىيە بىلەن ئۇكرائىنىيىدىكى ئىنقىلاب، دىموكراتىك كۈچلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىشىغا يول ئاچقاندىن كېيىن، ئاستانا ھۆكۈمىتى قازاقىستاندىكى ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىشكە باشلىغان. " دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئاجىزلىتىش" بىلەن ئەيىپلەنگەن ئىككى ئۆكتىچى پارتىيە، قازاقىستان سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تاقالغان. (ئەركىن)