قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ، ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى ئوتان پارتىيىسى تەرىپىدىن جۈمە كۈنى، بۇ يىل 12 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىغا قايتا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى.
بۇ يىل 65 ياشلاردىكى نازاربايېۋ 16 يىلدىن بېرى قازاقىستاننى ئىدارە قىلىپ كەلمەكتە. ئەگەر ئۇ بۇ قېتىمقى سايلامدا يەنە "غەلىبە" قىلسا، قازاقىستاننى يەنە 7 يىل ئىدارە قىلىدۇ. ئۇ، 2012 - يىلغىچە قازاقىستان ئىقتىسادىنى 2.5 ھەسسە قاتلاشقا ۋەدە قىلغان. ئەمما ئۆكتىچىلەر نازاربايېۋنى خىيانەتچىلىك ۋە دېموكراتىك ئىسلاھاتنى كېچىكتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. ئۆكتىچىلەر 4 - دېكابىردىكى سايلامدا نازاربايېۋقا قارشى بىر نامزاتنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلىشىش ئۈچۈن تىرىشماقتىكەن.
نازاربايېۋ، ئوتان پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا، قازاقىستان 2012 - يىلغىچە دۇنيادىكى نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان 10 دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ، دەپ ۋەدە قىلدى. ئۇ، دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، قىرغىز ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق "خوشنا ئەللەردىكى مۇقىمسىزلىق" توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قايتا سايلىنىشى قازاقىستاننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
قازاقىستاندا ئۆكتىچىلەر بۇ يىل 3 - ئايدا يۈز بەرگەن قىرغىزىستاندىكى ۋەقەدىن كېيىن، قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى. بۇ يىل 5 - ئايدا يۈز بەرگەن ئەنجاندىكى ۋەقەلەر پۈتۈن رايوندا جىددى تەۋرىنىش پەيدا قىلغان. (ئەركىن)