نەزەربايېف چەتئەل تەشكىلاتلىرىنى سىياسەتكە ئارىلاشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازەربايېف پېرزىدېنت سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن، قازاقىستاندىكى ئىقتىسادىي پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغان چەتئەل تەشكىلاتلىرىنى،دۆلەت سىياسىتىگە ئارىلاشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۇرسۇلتان نازەربايېف دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي پايدىنى كۆزلىمەيدىغان چەتئەل ۋە دۆلەت ئىچى تەشكىلاتلىرىنى يېقىندىن كۈزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىر قانچە سابىق سوۋىت جۇمھۇرىيەتلىرى، چەتئەل تەشكىلاتلىرىنى غەرب ئەل ھۆكۈمەتلىرىگە ھەمكارلىشىپ، گىروزىيە، ئۇكرائىنىيە ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشىغا ياردەم بەردى دەپ ئەيىپلىمەكتە.

16 يىللىق ھوقۇق يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە دېموكراتىك ئىسلاھنى توسۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن نازەربايېف، بۇ يىل 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا يەنە يەتتە يىللىق ۋەزىپە ئىستەيدۇ.

شوڭا نازەربايېف باياناتىدا، " بىز شۇنى ئېنىق كۆسىتىشىمىز كېرەككى: قانۇنىمىز بويىچە چەتئەلنىڭ ئورگانلىرى دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي ھاياتىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك، سىياسىي پارتىيىلەرگە ماددىي ياردەم بەرمەسلىكى كېرەك. بولۇپمۇ سايلام مەزگىلىدە تېخىمۇ شۇنداق" دېگەن. (ئارزۇ)