نازاربايېف قازاقىستان پرېزىدېنتلىقىغا قايتا سايلاندى

قازاقىستاننىڭ نۆۋەتتىكى پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف دۈشەنبە كۈنى پرېزىدېنتلىققا قايتا سايلاندى. ئۇ ئاستانىدا نەچچە ئون مىڭلىغان قوللىغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلەپ، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ قازاقىستان تارىخىدىكى ئەڭ ئادىل بىر سايلام بولغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. ئەمما خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر، يەكشەنبە كۈنى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ خەلقئارا دېموكراتىك ئۆلچەملەرگە توشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى تۆت يۈزدىن ئارتۇق كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىمقى سايلامدا يالغان بىلەت تاشلاش، رىقابەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرىغا تەھدىت سېلىش ۋە مەتبۇئاتنى مونوپول قىلىشتەك ساختىلىق ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر تەشكىلات دۈشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، "سايلامدا كاندىداتلار ئارىسىدىكى ھەقىقىي رىقابەت قىلىش ئېھتىماللىقى چەكلەنگەن" دەپ بىلدۈردى.

پرېزىدېنت نازاربايېف %91 ئاۋاز بىلەن يەكشەنبە كۈنىدىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىقتى. ئۇ بۇنىڭ بىلەن يەنە يەتتە يىل پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. نازاربايېف 1989 ‏- يىلى قازاقىستاننىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى ئىگىلىگەندىن بېرى، ھازىرغىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر، نازاربايېفنىڭ گەرچە بىر دىكتاتور بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستان ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غەرب ئەللىرى، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. قازاقىستاندىكى ئۆكتىچىلەر بولسا، نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ سايلامدا غەلىبە قازىنىشىنى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلىدى. (ئارزۇ)