نازاربايېف قازاقىستاننى دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان 50 دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرماقچى


2005.12.18

يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف پۈتۈن قازاقىستانغا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ قازاقىستاننى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زامانىۋىلاشتۇرۇپ، ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان 50 دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر مەركىزىنىڭ سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان نازاربايېفنىڭ نۇتقىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇرسۇلتان نازاربايېف بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمىغا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ قازاقىستاننى گۈللەندۈرۈش لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭ بەرگەن ۋەدىسىدىن قارىغاندا، ئۇ قازاقىستاننى تۆت تەرەپتىن زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زامانىۋلىشىش، ئىككىنچىسى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق جەھەتتىكى زامانىۋىلىشىش شۇنىڭدەك يەنە دېموكراتىيە ھەم سىياسىي زامانىۋىلىشىش بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى زامانىۋىلىشىشتۇر.

نۇرسۇلتان نازاربايېف ئۆزىنىڭ يەنە يەتتە يىللىق پرېزىدېنتلىق مۆھلىتى جەريانىدا مەزكۇر پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشقان. قازاقىستان مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە مەملىكەت بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھاسىغا قارىغاندا قازاقىستان دائىرىلىرى ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى كەڭ كۆلەمدە سېتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى بولغان. ئەمما، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانى بىر قىسىم ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن تەنقىتكە ئۇچرىماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.