نۇرسۇلتان نازاربايېف يەنە بىر قارار پرېزىدېنتلىقى ئۈچۈن قەسەم بەردى
2006.01.11
ئۆتكەن ئايدىكى قازاقىستان پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ چارشەنبە كۈنى قەسەم ئىچىپ يەنە بىر قارار 7 يىللىق پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋالدى.
قەسەم بېرىش مۇراسىمى چارشەنبە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدىكى پرېزىدېنت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمدا پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف پرېزىدېنتلىق قەسەمنامىسىنى ئوقۇدى ھەمدە كۆك رەڭلىك قازاقىستان بايرىقىنى سۆيدى.
مۇراسىمغا 100 دىن ئوشۇق چەتئەللىك مېھمانلار قەدەم تەشرىپ قىلدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى ۋىكتور يوشىنكو، گرۇزىيە پرېزىدېنتى مېخائىل سائاكاشۋىلى ۋە ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان رەھبىرلىرىمۇ بار. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا مۇئاۋىن رەئىس زېڭ چىڭخوڭنى ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتتى.
نازاربايېف مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، رۇسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ قازاقىسستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك شىرىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ياۋروپا ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ ئۆتتى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- زېڭ چىڭخۇڭ بىلەن نەزەربايېۋ خىتاي - قازاق مۇناسۋەتلىرى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- نازاربايېف قازاقىستاننى دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان 50 دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرماقچى
- قازاقىستاندىكى پرېزىدېنت سايلامنىڭ نەتىجىسى داۋاملىق تەنقىتكە ئۇچرىماقتا
- خەلقئارا تەشكىلاتلار، قازاقىستاندىكى سايلامنىڭ ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا
- قازاقىستاندىكى سايلام نەتىجىسى ھەققىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېس قىلغانلىرى