نەزەربايىف، خەلق قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئاساسىي قانۇندىكى ئۆزگىرىشنى ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈردى

جۈمە كۈنى، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىف، ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشنى، خەلق قوللىغانلىقى ئۈچۈن ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆتكەن ئاي قازاقىستان پارلامىنتى تەرىپىدىن ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن مەزكۇر ئۆزگىرىش پرېزىدېنتى نەزەربايىفنڭ ئۆمۈر بويى پرېزىدېنت بولۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ.

قازاقىستان سىياسىي ئۆكتچىلىرى 21‏- ماي كۈنى پرېزىدېنت نەزەربايىف تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگرىشنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇنى ېموكراتىيىگە قارشى، دىكتاتور بىر تۈزۈم يارتىىش يولىدا تاشلانغان بىر قەدەم دەپ، كۆرسەتكەن ئىدى.

لېكىن پرېزىدېنت نەزەربايىف، جۈمە كۈنى قازاقىستاننىڭ ئۇست كامىناگورسك شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ، " ئاساسي قانۇنغا ئۆزگىرىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى مەن بەرمىدىم. مەن بۇنىڭغا قارشى ئىدىم. لېكىن پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇلارنى سايلىىغانلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارلامېنت تەرىپىدىن ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشنى خەلقىنىڭ ئارزۇسى دەپ قارىغانلىغىم ئۈچۈن،ئۇنى رەت قىلالمىدىم." دېدى.

گەرچە، ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىش پرېزىدېنت نەزەربايىفغا، ئۆمۈر بويى پرېزىدېنت بولۇش ئىمكانىيىتىنى ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۈچىنچى قېتىم ئۆزىنى پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە نامزات كۆرسىتىش ياكى كۆرسەتمەسلىك مەسىلسىدە تېخى قارار بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. نەرزەبايىفنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2012‏-يىلى ئاخىرلىشىدۇ.(ئۆمەر قانات)