نۇرسۇلتان نەزەربايىفنىڭ سالاھىيىتىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشى غەرب دۆلەتلىرىنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە

قازاقىستان سىياسىي ئۆكتىچىلىرى، ژورنالىستلار ۋە ئادۋوكاتلار، پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايىفقا ئۆمۈر بۇيى پرېزىدېنت بولۇش ئىمكانىيىتى بېرىلگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك قازاقىستان پارلامېنتى قازاقىستان ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، نەزەربايىفنىڭ ئۆمۈر بۇيى پرېزىدېنت بولۇش يولىنى ئاچقان ئىدى.

چارشەنبە كۈنى قازاقىستاندىكى دېموكرات ياشلار تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر باياناتتا، پرېزىدېنت نەزەربايىف پارلامىنت تەرىپىدىن ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشنى ئىمزالاش ئارقىلىق، قازاقىستاننىڭ ئابرويىنى چۈشۈردى، دېيىلگەن.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ناپالىيون دېكتاتورلۇقىنى ئەسلىتىدىغان ، خان جامائىتى، باي دېھقانلار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان بۇ تەشەببۇسنىڭ مەقسىدى، مەۋجۇت سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمنى قوغداشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايىف، ئاساسىي قانۇندا پرېزىدېنت مۇددىتىنى 7 يىلدىن 5 يىلغا قىسقارتىش ۋە پارلامېنتنىڭ سالاھىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى تەكلىپ قىلغان. جۈمە كۈنى پرېزىدېنتنىڭ ھەر ئىككى تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان پارلامىنت ئەزالىرى، ئاساسىي قانۇندا نەزەربايىفقا ئۆمۈر بۇيى پرېزىدېنت بولۇش ئىمكانىيىتى يارىتىدىغان ئۆزگىرىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغان. لېكىن قانۇنغا ئاساسەن نەزەبايىفتىن كېيىن پرېزىدېنت بولىدىغانلار بۇ ئىمكانىيەتتىن بەھرىمان بولالمايدىكەن.

ئەمما ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان نۇرسۇلتان نەزەربايىفنىڭ، ئورنى ۋە سالاھىيىتىنى كۈنسېرى كۆپەيتىشى غەرب دۆلەتلىرىنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە.(ئەقىدە)