ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسىدا دېكابىردىن باشلاپ نېفىت ئېقىتىلىشقا باشلايدۇ
2005.07.07
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدىكى ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسىدا، بۇ يىل 16 - دېكابىردىن باشلاپ نېفىت ئېقىتىلىشقا باشلايدىكەن. نەزەربايېۋ بۇ خەۋەرنى، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ يېقىندا قازاقىستاننى زىيارەت قىلغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئاشكارىلىغان.
1000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسى قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاتاسۇدىن باشلىنىپ، ئالاتاۋ ئېغىزى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مايتاغ رايونىغىچە بارىدۇ.
مەزكۇر قۇرۇلۇشقا 700 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغان. بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا ئېرىشىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسىمى. مەزكۇر قۇرۇلۇش ئاخىرلاشقاندا يىلىغا 10 مىليون توننا نېفىت ئېقىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ساننى 2008 - يىلغا بارغاندا 20 مىليونغا چىقىرىشنى پىلانلىماقتا. بۇ ئارىدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى جوڭگو نېفىت شىركىتى، قازاقىستان نېفىت تەبىئىي گاز شىركىتى مۇنايگاز بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئاتاسۇ- ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسىغا يانداش تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقتىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ش ھ ت دىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى غەرب قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى بەلگىلەشنى تەلەپ قىلدى
- خۇ جىنتاۋ، ئاستانا يىغىنىدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشىدۇ
- خۇ جىنتاۋ بىلەن پۇتىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- خىتاي بىلەن ھىندىستان، قازاقىستان نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن رىقابەتلىشىدۇ
- خۇ جىنتاۋ تېخىمۇ كۆپ نېفىتقا ئېرىشىش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن قازاقىستانغا بارماقچى