قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف، جۈمە كۈنى قازاقىستاننىڭ كاسپىي دېڭىز ساھىلىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغىچە تۇتاشتۇرۇلىدىغان ۋە خىتاينى نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان نېفىت تۇرۇبا يولىنى ياساشقا ۋەدە بەردى.
قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نازاربايېف جۈمە كۈنى يۇقىرى كامېنوگورسك شەھىرىدە مەبلەغ سالغۇچىلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئالاتاۋ - كاسپىي دېڭىز نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ ئاتاسۇدىن - كاسپىي دېڭىز ساھىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئاخىرقى 700 كىلومېتىرلىق قىسمىنى پۈتكۈزۈشكە تەرەددۇت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى ئالاتاۋ-كاسپىي دېڭىز تۇرۇبا يولىنىڭ بىر قىسىمى بولغان ئاتاسۇ - مايتاغ نېفىت تۇرۇبا يولىدا ئۆتكەن يىلى رەسمىي نېفىت ئېقىتىشقا باشلىغان ئىدى. خىتاينىڭ پىلانى مايتاغ رايونىغىچە كېلىدىغان بۇ تۇرۇبا يولىنىڭ غەربىي ئۇچىنى كاسپىي دېڭىز ساھىلىدىكى نېفىتلىكلەرگىچە تۇتاشتۇرۇشتۇر. ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئەگەر بۇ تۇرۇبا يولى پۈتسە، ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 3000 كىلومېتىرغا يېتىپ، خىتاي ئومۇمى نېفىت ئېھتىياجىنىڭ 5 % ىنى قامدايدىغان سەۋىيىگە يېتىشى مۇمكىن.
قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئىلگىرى مەزكۇر تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ 2011 - يىلغىچە پۈتۈدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن نازاربايېف جۈمە كۈنى تۇرۇبا يولىنىڭ قاچان پۈتۈدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە كاسپىي دېڭىز ساھىلىدىن خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى قازاقىستان كېنىياك نېفىتلىكىگىچە تۇتىشىدىغان 400 كىلومېتىرلىق نېفىت تۇرۇبا يولىدا رەسمىي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. قازاقىستان ئاخىرقى يىللاردا خىتاي، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تەسىر كۈچ تالىشىدىغان مۇھىم سورۇنى بولۇپ قالدى. (ئەركىن)