0:00 / 0:00
بىشكەك شەھىرىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى نىغمەت بوساقوپنىڭ نامەلۇم جىنايەتچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ يەتتە يىللىقىنى خاتىرىلەندى. يىغىن رىياسەتچىسى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى رۇزى مۇھەممەد ئەپەندى نىغمەت بوساقوپنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ئورنى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئاكتىپ پائالىيەتچى ۋە باشلامچى ئىكەنلىكىگە يۇقىرى باھا بەردى. خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قىرغىزىستاننىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىبى ئوسماناخۇن ئىبرايىموپ قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان.
بۇ ھەقتە بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.