قازاقىستان ئۆكتىچىسى ئۆلتۈرۈلدى

شەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدە ئاتاقلىق ئۆكتىچى زامانبېك نۇرقادىلوپ ئۆلتۈرۈلدى. www.news.ru ئاگېنتلىقىنىڭ قازاقىستان ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، زامانبېك نۇرقادىلوپ قازاقىستانغا تونۇلغان دۆلەت ئەربابى بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن يىللار ئالمۇتا شەھەر باشلىقى، ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ باشلىقى قاتارلىق تۈرلۈك رەھبىرى خىزمەتلەردە بولۇپ، قازاقىستاندا زور تەسىر قوزغىغان شەخسكە ئايلانغان ئىدى. ئەمما ، ئۇ 2004-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۆز خىزمىتىدىن ئايرىلىپ، پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋنى مۇستەبىتلىك بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.

نۇرقادىلوپنىڭ بۇ خىل ئۆكتىچىلىكى قازاقىستان ئۆكتىچىلىرىگە زور كۈچ قوشقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئۇنىڭ ھېچقانداق بىر ئۆكتىچىلىك تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى يوقلىقى مەلۇم ئىكەن.

دەسلەپتە، نۇرقادىلوپنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما تەكشۈرگۈچىلەر ئېنىقلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆز ئۆيىدە تاپانچا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بېكىتكەن. ئالمۇتا ساقچى دائىرىلىرى جىنايەتچىنى تېپىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئۇيۇشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرچە نەتىجە ھاسىل قىلىنمىغان. قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەرگە ئىزچىل قاتتىق چارە قوللىنىپ كەلمەكتە.

ئىلگىرى قاجىكەلدىن ۋە لىرا بايسېيتوۋا ۋە باشقا ئۆكتىچى رەھبەرلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاتتىق تەقىپلەشلەرگە ئۇچرىغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)