قازاقىستان سوتى، قازاقىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى ئەلىبېك جۇمابايىفنى ئاممىۋىي قالايمىقانچىلىق چىقارغان دەپ ئەيىبلەپ، بەش يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. قازاقىستاندىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە بولغان ئادالەتلىك قازاقسىتان ئۈچۈن پارتىيىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، تاراز شەھەرلىك سوتى دۈشەنبە كۈنى بىر شاھىتنىڭ، جۈمابايىف ماڭا پرېزىدېنت نەزەربايىفنىڭ رەسىمىنى كۆيدۈر، دېدى، دېگەن سۆزلىرىگە ئاساسەن جۈمابايىفنى بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
ئادالەتلىك قازاقىستان ئۈچۈن پارتىيىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوتتا بىر گۇرۇپپا شاھىتلار جۈمابايىفنىڭ " بىز بىر ئىنقىلاب قوزغىماقچى " دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. سوت ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن جۈمابايىفنى بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشتا يەنە بىر دەلىل سۈپتىدە پايدىلانغان.
ئادالەتلىك قازاقىستان ئۈچۈن ھەرىكىتىنىڭ باياناتىدا، ئەگەر جۈمابايىف " بىز بىر ئىنقىلاب قوزغىماقچى " دېگەن بولسىمۇ، سوتنىڭ ئۇنى مۇشۇ سۆزلىرى ئۈچۈن بەش يىلغا ھۆكۈم قىلىشى ئادالەتكە قارشى ئىشلەنگەن بىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ، دېيىلگەن.
باياناتتا، قازاقىستاندىكى دېموكراتىك كۈچلەر خەلقئارا جامائەتنىڭ ئەلىبېك جۈمابايىفنى سىياسىي مەھبۇس دەپ ئېتراپ قىلىشى ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەلەرگە قارىغاندا، 2003- يىلى ئوكرائىنىيىدە ۋە 2004- يىلى گروزىيىدە سىياسىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشىلەنگەن قازاقىستان ھۆكۈمىتى، 2005- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ھارپىسىدا، سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئىدى. (قانات)
