ئۆزبېكىستان ساقچىلىرى ئۆتكەن يىلدىكى ئەندىجان ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان ئۆزبېك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ئوغلىنى ساختا پۇل ياساش بىلەن ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى 27 ياشلىق ئىلھام زاينابىددىنوۋنى 22-ماي كۈنى قولغا ئالغان بولۇپ، ئۇنى قىرغىز ۋە ئۆزبېك پۇلىنى شۇنداقلا ساختا ماركا ۋە ھۆججەتلەرنى ياساش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۆزبېكىستاندىكى ئۆكتىچى "فەرغانە" تور بېتى ئۆزبېكىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئىلھامنى ئۇنىڭ ئاتىسى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سائىداخاندىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە قولغا ئالغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
سائىداخان زاينابىددىنوۋ ئۆتكەن يىلىدىكى 13-ماي ئەندىجان قىرغىنچىلىقىدا چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا ئۇچۇر تەمىنلىگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ھاقارەت ۋە تەھدىت سالغان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، 7 يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى ئەندىجان ۋەقەسىدە 187 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۆلگەن كىشىلەر سانىنىڭ 700 دىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (پەرىدە)