قىرغىزىستاندىكى بىر ئۆزبېك پائالىيەتچىسى قولغا ئېلىندى

قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالال ئاباد ۋىلايەتلىك ئۆزبېك جەمىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى مەمەتقادىر قارابايېۋ بۇ يىل 6-ئايدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا شۇ جايدىكى سوت ئۈچ يىللىق سىناقتا تۇتۇش بىلەن يەتتە يىل ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بەرگەن.

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، مەمەتقادىر جالال ئاباد ۋىلايىتىدىكى بىر قىسىم ئۆزبېكلەرنى تەشكىللەپ، ئۆزبېك تىلىنى ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ بېكىتىش ھەققىدە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە تەلەپ قويۇش نامايىشلىرى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىش جەريانىدا بىراز قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىققان ئىدى. قارابايېۋ نامايىش جەريانىدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ تۇتۇلغاندىن كېيىن قىرغىزىستان ھۆكۈمەت، ئەدلىيە ۋە ساقچى خادىملىرى ئۇنىڭدىن ئەگەر سىياسىي پائالىيەتلىرىدىن ۋاز كەچسە ئۇنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، ئەمما ئۇ بۇ تەلەپنى رەت قىلغان ئىكەن.

قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش، جالال ئاباد ۋىلايەتلىرىدە زور ساندا ئۆزبېكلەر ياشايدۇ. ئۆزبېكلەر بۇ ۋىلايەتلەردىكى ئاھالىلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۆزبېك تىلى جەمىيەتتە كەڭ قوللىنىلسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئىشلىتىلمەيدىكەن. شۇ ۋەجىدىن ئۆزبېكلەر قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە بىر قانچە قېتىم ئەرز سۇنۇپ، ئۆزبېك تىلىغا ھۆكۈمەت تىللىق سالاھىيىتى بېرىش، ئۆزبېكلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئورۇنلىشىشىغا رۇخسەت قىلىش ۋە باشقا مەسىلىلەر بويىچە ئۆز تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۆزبېك تىلىنى رەسمىي تىل قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئوش ئوبلاستىدا قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇ ۋەقەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تەييارلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. (ئەقىدە)