قازاقىستان ئۆكتىچىلىرى سەرسانبايئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدە ھۆكۈمەتنى ئەيىبلىدى

قازاقىستان ناغىز ئاق يول پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى دۈشەنبە كۈنى ئالماتادا سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۆكتىچى پارتىيە يىتەكچىلىرى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى قازاقىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بەرگەن، دەپ ھۆكۈمەتنى ئەيىبلىدى. قازاقىستان ناغىز ئاق يول پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىدىن ئالتۇنبېك سەرسەنبايئوغلى ۋە ئۇنىڭ قوغدىغۇچىسى بىلەن شوپۇرىنىڭ جەسىدى دۈشەنبە كۈنى ئالمائاتا شەھەر سىرتىدىكى بىر يول ئۈستىدە بايقالغان.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەر بىرى دۈمبە ۋە باش قىسىمىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ قازاقىستاندا يۈز بەرگەن ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە 2 - قېتىم ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

قازاقىستان ناغىز ئاق يول پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن جارماقان تۇياقباي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ۋەقەنى " باشقىلارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ۋەھشىلەرچە قاتىللىق " دېدى. جارماقان تۇياقباينىڭ ئەسكەرتىشىچە، " سەرسانبايئوغلى ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى قوللىرى باغلانغان ھالدا ماشىنا بىلەن شەھەر سىرتىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ۋەھشىلەرچە ئېتىپ تاشلانغان." بۇ يىل 43 ياشلاردىكى سارسەنبايئوغلى 2003 - يىلغىچە نازاربايېۋ ھۆكۈمىتىدە مىنىستىر ۋە باش ئەلچى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ئامېرىكىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقە ئۈستىدىن " دەرھال ۋە ئۈزۈل - كېسىل" تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئەلچىخانا باياناتىدا، " سەرسانبايئوغلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تونۇيدىغان ۋە مۇناسىۋەت قىلىشنى خالايدىغان كىشى ئىدى" دەپ يازغان. ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى. قازاقىستان ئۇچۇر مىنىستىرى يارمۇقامەت يىرتىشبايېۋ، ئۆكتىچىلەرنى جامائەت پىكرى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)