جىنايى گۇرۇھلار يېتەكچىسى دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان قىرغىز پارلامېنت ئەزاسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

جىنايى گۇرۇھلار يېتەكچىسى دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى رىسبېك ئەخمەتبايېۋ 10‏-ماي كۈنى نامەلۇم بىر كىشى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ جەسىتى پەيشەنبە كۈنى يۇرتى بالىقچى شەھىرىگە دەپنە قىلىندى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەخمەتبايېۋ چارشەنبە كۈنى بىشكەكتىكى بىر مەسچىتتىن چىقىۋاتقان چېغىدا، قوراللىق كىشى ئۇنىڭ بېشىغا ۋە كۆكرىكىگە نەچچە پاي ئوق ئاتقان. نەتىجىدە ئۇ نەق مەيداندىلا قازا قىلغان. قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇراد سۇتالىنوۋ، بۇ ۋەقەنىڭ بۇ يەردىكى مەلۇم بىر جىنايى تەشكىلات تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى سىياسىي قاتىللىق ئەمەس دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە، رىسبېك ئەخمەتبايېۋنى "قىرغىزىستاننىڭ پۈتۈن جىنايى ئىشلار تارىخى دەۋرىدە مەسئۇلىيىتى بار" دەيدۇ.

ئەخمەتبايېۋ 1990‏- يىللىرى زوراۋانلىق، ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايەتلىرى بىلەن 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. لېكىن تۈرمىدە پەقەت 3 يىل ياتقان. كېيىن ئۇ ئاقايېۋ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان چوڭ كۆلەمدىكى نامايىشقىمۇ قاتناشقان.

شۇنداقلا بۇ يىلقى قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمىدا ئەخمەتبايېۋ ھەتتا كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن. لېكىن ئۇنىڭ ئۈستىدىكى جىنايى ئەيىبلەشلەر تۈپەيلىدىن، بۇ سايلام نەتىجىلىرى بىكار قىلىنغان. ئۇ ھايات چېغىدا ئۆزى ئۈستىدىن چىقىرىلغان بۇ جىنايى ئەيىبلەشلەر توغرىسىدا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىدى.

قىرغىزىستان پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋ تەشكىللىك جىنايەتچى گوروھلارغا زەربە بېرىش ۋە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جەھەتلەردىكى ۋەدىلىرىنى ئورۇندىيالمىغانلىقى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ كەلدى. ئۇ شۇ سەۋەبتىن تېخى ئەخمەتبايېۋ ئۆلتۈرۈلۈشنىڭ ئالدىدىلا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 چوڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى خىزمىتىدىن توختاتقان ئىدى. (پەرىدە)