قىرغىزىستاندا قاراسۇ ناھىيىسىنىڭ بىر ئىمامى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

جەنۇبىي قىرغىزىستاننىڭ قاراسۇ ناھىيىسىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتنىڭ ئىمامى مۇھەممەت رەپىق كامالوۋ دۈشەنبە كۈنى باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

پەرغانە ئۇچۇر ئاگېنتلىقى رەپىق قارىنىڭ قىرغىزىستان ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۈمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاز دېگەندە 2 ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. قاراسۇ ئۆزبېكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان ۋە ئۇيغۇر، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەر بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان ناھىيىلەر ھىساپلىنىدۇ.

پەرغانە ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇھەممەت رەپىق كالالوۋ قارى دۈشەنبە كۈنى قىرغىز ئامانلىق پونكىتىدىن ئۆتۈۋاتقاندا قىرغىزىستان ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان. لېكىن ۋەقەنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى ئىلگىرلىگەن ھالدا ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدىكەن.

رەپىق قارى ئىماملىق قىلىدىغان قاراسۇدىكى چوڭ مەسچىت، يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇ رايوندىكى ھىزبۇل تەقرىرنىڭ ئەزالىرىدىن تارتىپ تەرەققىپەرۋەر دىندارلارغىچە كەڭ مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇيدىغان جاي بولۇپ قالغان ئىدى. ھازىرچە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە قىرغىز ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ رەپىق قارىغا نىمە ئۈچۈن ئوق چىقارغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

بۇنىڭ بۇرۇن رەپىق قارى قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم سوراق قىلىنغان ۋە ئىلگىرى مۇخبىرلارغا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ سىياسىتىنى تەنقۇئىد قىلىپ، رايوندا خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈلمەكتە، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. (ئەركىن)