قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى
2005.12.30
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبەگ باقىيېۋ، پەيشەنبە كۈنى ھۆكۈمەتكە يوللىغان بىر بۇيرۇقنامىسىدا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى بۇيرۇدى.
ئۆلۈم جازاسى قىرغىزىستاندا 1998- يىلدىن بېرى يىلدىن- يىلغا كېچىكتۈرۈلمەكتە ئىدى. پرېزىدېنت باقىيېۋ، پەيشەنبە كۈنى ھۆكۈمەتكە يوللىغان بۇيرۇقنامىسىدا، ھۆكۈمەتتىن ئىككى ئاي ئىچىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ جازاسىنى مۇددەتسىز ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.
قىرغىزىستان ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ بەش مىليون نوپۇسى بار بولۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلار 200 ئەتراپىدا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باقىيېۋ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تۈرمە شارائىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. قىرغىزىستاندا بۇ يىل ئۆكتەبىر ۋە نويابىر ئايلىرى تۈرمىدىكى مەھبۇسلار ئىسيان كۆتۈرۈپ، تۈرمىنى تەكشۈرۈشكە بارغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۆلۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇزۇندىن بېرى قىرغىزىستانغا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەن. قىرغىزىستان 1998-يىلدىن بېرى ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاقايېۋ دەۋرىدە ئۇ ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈش بۇيرۇقى ئېلان قىلاتتى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستاندا ئاساسى قانۇن مۇھاكىمە قىلىنماقتا
- ئەركىنبايېفنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى بەزى خەۋەرلەر بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلدى
- قىرغىزىستان پارلامېنتى يىغىن چاقىرىپ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
- قىرغىزىستان يېڭى مىنىستىرلار كابىنېتى تەسىس قىلدى
- رۇسىيە ۋە قىرغىزىستان ئۆز-ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىكەن