ئۆزبېكىستان پارلامىنتى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى ماقۇللىدى
2007.06.30
29- ئىيۇن كۈنى ئۆزبېكىستان پارلامىنتى كېڭەش پالاتاسى، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا ئۆزبېكىستان ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشنى ماقۇللىدى.
ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشكە ئاساسەن، ئۆلۈم جازاسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئورنىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن. ئۆزبېكىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىردىن بىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.
گەرچە ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى، قانچىلىك كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، قانچىلىك ھۆكۈمنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىسىمۇ، ئەمما ئۆزبېكىستاندا ئۆلۈم جازاسى كەڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ھۆكۈم ئىجرا قىلنغاندىن كۈنلەر ھەتتا ھەپتىلەر كېيىن، جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىدىن خەۋەردار بولماقتا.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف ئۆزى، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك بولۇپمۇ، 2005- يىلى ماي ئېيىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇشتىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئىسلام كەرىموف ھاكىمىيىتىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ دىكتاتور ھاكىمىيەت دەپ قارىماقتا.
ئەنجان شەھىرىدىكى باستۇرۇشتىن كېيىن، خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدگە ئۇچرىغان پرېزىدېنت كەرىموف، خىتاي ۋە رۇسىيىنى زىيارەت قىلىپ، بېيجىڭ ۋە موسكۋا نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئۇلار بىلەن ھەر جەھەتتىن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەن. ئەمما يېقىندىن بېرى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا، بولۇپمۇ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۆزبېكىستانلىقلارنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىشى ئېغىر بولماقتا
- پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتماقچىمۇ؟
- ئۆزبېك پائالىيەتچىسىنى، ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بەرگەن رۇس ئوفىتسېر جازالاندى
- ئامېرىكا مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىرلىشىشىنى خالايدۇ
- ئۈزبېكستان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ...
- ئۆزبېكىستاندا سەرگەردانلار كۆپەيمەكتە
- ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستانغا قاراتقان چەكلىمىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى كېچىكتۈردى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان مەتبۇئاتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى
- ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ۋىزا تۈزۈمىنى ۋاقتىنچە بىكار قىلدى