ئوساما بىن لادىن ھېلىمۇ ئافغانىستاندا بولۇشى مۇمكىن


2005.01.10

ئافغانىستاننىڭ شەرقى رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قوماندانى پولكوۋنىك گارى چەك، ئوساما بىن لادىن ھېلىمۇ ئافغانىستاندا يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن، دىدى .

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گارى چەك ، ئوساما بىن لادىننىڭ ئۆزىنىڭ ھەربىي پائالىيەت دائىرىسى ئىچىدىكى ئافغانىستاننىڭ پاكىستان چېگرىسىغا يېقىن تاغلىق رايوندا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى .

پولكونىڭ چەكنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئافغانىستاننىڭ پاكىستان چېگرىسىغا يېقىن تاغلىق رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چەتئەللىك جەڭچىلەرنىڭ سانى ئانچىلا كۆپ ئەمەس ئىكەن. لېكىن جالالىدىن ھەققانى قاتارلىق تالىبان قوماندانلىرىغا قاراشلىق جەڭچىلەرنىڭ سانى خىلى كۆپ بولۇپ، بۇلار ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىد ھېسابلىنىدىكەن.

ئوساما بىن لادىن ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى ئەيمان ئەلزاۋاھىرىنىڭ ئافغانىستان - پاكىستان چېگرىسىدىكى تاغلىق رايوندا يوشۇرۇنغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئوساما بىن لادىننى تۇتۇش ۋە ياكى ئۆلتۈرۈش مەقسىتىدە ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھاكىمىيىتىگە قارشى باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتىدىن كىيىن ئۈچ يىلدىن كۆپرەك بىر ۋاقىت ئۆتتى. گەرچە تالىبانلار ھاكىمىيىتى گۇمران بولغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئەسلى نىشانى ئوساما بىن لادىننى تېخىچە قولغا چۈشۈرەلمىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئوساما بىن لادىننىڭ قايسى يەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە . لېكىن، ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي ئۆتكەن ئايدا بەرگەن باياناتىدا، ئوسما بىن لادىننىڭ ھېلىمۇ ئافغانىستان - پاكىستان چېگرا رايونىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.