خىتاي دۆلەت مىنىستىرى ۋېن جاباۋ قىرغىزىستان ۋە رۇسىيىدە زىيارەتتە بولدى


2004.09.21

خىتاي دۆلەت مىنىستىرى ۋېن جاباۋ، سەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان ۋە رۇسىيە دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتىنى باشلىۋەتتى.

ۋېن جاباۋ يېتەكچىلىكىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى، قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەككە يېتىپ كېلىپ، قىرغىزىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى، رويېتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي نۆۋەتتە ئېنېرگىيە جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ بىر قەدەم كېڭەيتىشكە تىرىشماقتا.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېن جاباۋ رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ھەمدە موسكۋانىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارلىشىچە، خىتاي 2020 - يىلىدىن بۇرۇن، رۇسسىيىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسى ئۈچۈن 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىشنى پىلان قىلغان . (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.