ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى دىنىي ئەسەبىلىكنىڭ رايوندىكى تەھدىتىنى كۆپتۈرۈۋەتكەن


2007.07.13

ئىران مۇتەخەسسىسلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭ رايوندىكى دىنىي ئەسەبىي گۇرۇھلارنىڭ تەھدىتىنى كۆپتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىران ئاۋازى رادىئوسىنىڭ مۇتەخەسسىسلەردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، رايوندىكى دۆلەتلەر بىر تەرەپتىن، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى ئۆكتىچى كۈچلەرگە زەربە بېرىشنىڭ باھانىسى قىلىپ قوللىنىش، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ دۆلەتلەرنى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى مۇھىم قەلئە قىلىپ كۆرسىتىش مەقسىتىدە، دىنىي ئەسەبىي گۇرۇھلارنىڭ تەھدىتىنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا ئىكەن.

ئىراننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسى پىرمۇھەممەد مۇللازېخى، تالىبان ۋە ئەل-قائىدىنىڭ تەسىرى كۈچى شەرقىي ۋە جەنۇبىي ئافغانىستاندىكى پەشتۇنلار رايونىدا يىلتىز تارتقانلىقىنى، لېكىن شىمالىي ئافغانىستاندىكى نوپۇسنىڭ كۆپ قىسىمىنى تاجىك، ئۆزبېك ۋە تۈركمەنلەر ئىگىلەيدىغان رايونلاردا تالىبان تەسىر كۈچىنىڭ چوڭ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تالىبان ۋە ئەل-قائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى رادىكال ئىسلامى گۇرۇھلار بىلەن مۇناسۋىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بەزى ئۆزبېك ۋە تاجىك جەمەتلىرىنىڭ ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە ھىزبى-تەقرىرگە ئوخشاش تەشكىلاتلار بىلەن بولغان نورمال ئالاقىسى، رايوندا ئەسەبىي دىنىي گۇرۇھلارنىڭ تەھدىتى كۈچەيگەنلىككە پاكىت بولالمايدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى پاكىستاننىڭ ۋەزىرىستان ئۈلكىسىدە يوشۇرۇنۇۋالغان ئەرەبلەر ، ئۆزبېك، چېچەن ۋە ھەتتا بىر قىسىم ئازساندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن پاكىستان ئارمىيىسى ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇشلار يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر بېرىلمەكتە. تاجىكسىتان ۋە ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى شىرئەلى خەيرۇللايىف ھەم رۇسلان مىرزايىفلار ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرى قىرغىزىستاندا ئۇچراشقاندا ئىسلام ئەسلى دىن تەرىقەتچىلىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.