مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى 2009 - يىلى ياۋروپا باھاسىدا تەبىئىي گاز ساتىدۇ
يېقىندا ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە رۇسىيە ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەنسۇپ ئەربابلار ئۇچرىشىپ، مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، 2009 - يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيىگە ياۋروپا باھاسى بىلەن تەبىئىي گاز سېتىشى ھەققىدە پۈتۈشۈم ھاسىل قىلغان. تەبىئىي گازنىڭ باھاسى مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى نارازى قىلىپ كەلگەن بولۇپ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي گاز مەھسۇلاتلىرىنى رۇسىيىگە 50 دوللار ئەتراپىدا ساتاتتى. رۇسىيە ئۇلاردىن ھەر مىڭ كۇب مېتىر گازنى 50 دوللاردىن ئېلىپ، ياۋروپاغا 200 دوللارغا سېتىپ، كۆپ پايدا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ گاز باھاسىنى ئۆستۈرۈش تەلىپىنى قوبۇل قىلمىغان.
رۇسىيە ھەر يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىن 60 مىليارد كۇب مېتىر گاز ئالىپ، رايوندىكى ئەڭ چوڭ خېرىدارغا ئايلانغان، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركمەنىستان،قازاقىستان ۋ ئۆزبېكىستان خىتاي ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سۆزلىشىپ، ئۆز تەبىئىي گازلىرىنى ئۇلارغا بىۋاسىتە سېتىشنىڭ يولىنى ئىزدىگەن. بۇ دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئارىسىدا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش كېلىشىملىرى ئىمزالانغان ئىدى. تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاننىڭ مۇنداق بارا - بارا رۇسىيىنىڭ مونوپولىدىن قۇتۇلۇش ھەرىكىتى ئاخىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى قامال قىلىشتىن مەھرۇم بولۇپ قېلىشنى خالىمىغان رۇسىيىنى بۇ دۆلەتلەرنىڭ گاز باھاسىنى ئۆستۈرۈش تەلىپىنى ئويلىشىشقا ھەمدە يول قويۇشقا مەجبۇر قىلغان.
رۇسىيە مەركىزىي ئاسىيادىن سېتىۋالغان گازنى ئۇكرائىنىيە ۋە گرۇزىيە قاتارلىقلارغا ھەمدە غەربىي ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىدۇ. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كەرىموف موسكۋانى زىيارەت قىلغاندا پۇتىندىن گازنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستانلىقلار قايتىدىن فامىلىسىنى رۇسچىلاشتۇرماقتا
- خىتاي قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان ئارىسىدا يېڭى تۆمۈر يول لىنىيىسى ئاچىدۇ
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ
- خىتاي، قازاقىستان قاتارلىق ئالتە دۆلەت قەدىمقى يىپەك يولى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى قىلىش ئۈچۈن تەكلىپ تەييارلىماقتا
- ي ب ھ ت قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى
- خۇ جىنتاۋ ئۆزبېكىستانغا تەكرار پرېزىدېنت بولغان كېرىموفنى تەبرىكلىدى
- تەبىئي گاز سودىسى رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيىنىڭ بىرلىشىش مەسىلىسى بىلەن باغلانغان
- دارفۇر پارتىزانلىرى خىتاينىڭ سۇداندىكى نېفىتلىكىگە ھۇجۇم قوزغىدى
- قازاقىستان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولىدۇ
- شاڭخەي گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت خادىملىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
- ۋۇ باڭگۋو، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى باستۇرۇشتا ياردەم بەرگەن ئۆزبېكىستانغا رەخمەت ئېيتتى