پۇتىن ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
2007.06.10
شەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن سانكتپېتېربۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ نارەسمىي يىغىنى جەريانىدا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف ۋە تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمام ئەلى راخمانوفلار بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، رۇسىيىنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.
ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەللىرى ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ نارەسمىي يىغىنى ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، بۇنىڭدا ھەمدوستلۇقنىڭ ئورتاق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى بۇ يىلقى ئاساسىي مەسىلە سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىپ، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى تېپىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان .
پرېزىدېنت پۇتىن ئىسلام كەرىموف بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمگە ئۈچ يىل توشقانلىقىنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورمال تەرەققىياتىدىن رازى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. كەرىموفمۇ سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ، ئۆتكەن يىلىدىكىدىن % 60 ئاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئارقىدىن پۇتىن تاجىك رەھبىرى راخمانوف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ساھەدىكى ھەمكارلىقلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، راخمانوف رۇسىيىدىكى تاجىك كۆچمەنلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئوتتۇرا ئاسىيا كۈزەتكۈچىلىرى رۇسىيىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە بەزى سوغۇقچىلىقلارنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقى، سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت يىغىنىدا رۇسىيىنىڭ غەربنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىشى ھەمدە پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئالبانىيە، پولشا، چېخ قاتارلىق ئەللەرنى زىيارەت قىلىشى شۇنىڭدەك كوسوۋا مۇستەقىللىقى ۋە راكېتادىن مۇداپىئە كۆرۈش پىلانى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە توغرا كەلگەن مەزكۇر يىغىننىڭ رۇسىيىنىڭ نۇرغۇن ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشمەكتە. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋروپا ئىتتىپاقى مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە 12 مىليون دوللار بەردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا مۇنبىرى يىغىنىدا "ھەمكارلىشىپ ئىناق ئاسىيا قۇرۇش' نى تەشۋىق قىلغان
- ئالما-ئاتادا، ئۇيغۇر مۇزىكىلىك - شېئىر كېچىلىكى
- نازاربايېفنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇش ئىدىيىسى ئەمەلگە ئاشامدۇ؟
- قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەت
- ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردى
- ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ يېغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلماقچى
- ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى