نازاربايېف مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇشنى يەنە تەشەببۇس قىلدى


2007.10.07

5-ئۆكتەبىر كۈنى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلىقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى يەنە بىر قېتىم رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى، رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نازاربايېف مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا ئۆزىنىڭ مەزكۇر يىغىندا مەزكۇر ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىن باغلىنىش بىلەن بىرگە ئورتاق تىل ۋە ئورتاق مەدەنىيەت قىممەتلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مۇنداق بىر ئىتتىپاقنى قۇرۇشنىڭ 55 مىليون ئادەم ياشايدىغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنىلا ئەمەس بەلكى سىياسىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىمۇ مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

" بۇ يەردە كۆچمەنلەر مەسىلىسى، زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى ۋە تېررورچىلىق خەتەرلىرى بار. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىز بىرلىكتە ھەل قىلالايمىز، ئەلۋەتتە، بۇ يەردە يەنە رۇسىيە بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاشمۇ زۆرۈردۇر" دەيدۇ نۇرسۇلتان ئەبىش ئوغلى نازاربايېف.

نازاربايېفنىڭ بۇ يىغىندا مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقى، بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى بار ئەمەلىيىتى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى بىلەن باغلىق ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. نازاربايېفنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسى قىرغىزىستان تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتىنىڭ بۇ مەسىلىگە سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىرلىشىشىدىن ئۆزبېكىستاننى چەتكە قالدۇرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئۆزبېكىستاننىڭ رايوندىكى رەھبىرى دۆلەت بولۇش مۇمكىنچىلىكى ئازلاپ، قازاقىستاننىڭ بۇ رايوندا كۈچلۈك ۋە باي دۆلەتكە ئايلىنىش بىلەن خەلقئارالىق تەسىرى ئېشىۋاتقانلىقى ئىكەن.

بۇ قېتىم دۈشەنبىدە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى، ۋە ياۋرو-ئاسىيا تاموژنا ئىتتىپاقى قاتارلىق ئۈچ تەشكىلاتنىڭ يىغىنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېچىلغان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتلارنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش بىر كۈچلۈك مەملىكەتكە ئايلىنىپ، رۇسىيىنىڭ ياۋرو-ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى تىكلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن نازاربايېفنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش غايىسىنىڭ موسكۋاغا ياقماسلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ( ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.