بىشكەكتە مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
2007.11.18
قىرغىزىستان ئۇچۇر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بىشكەكتىكى بىر قىسىم سىياسىي ئەربابلار ۋە ئالىملار قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئوتتۇرىغا قويغان مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا قازاقىستاننىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۆمۈر ئۇزاق ئۆزبېكوفمۇ قاتنىشىپ، پىكىر بايان قىلغان.
دۈگلەك ئۈستەل تۈسىنى ئالغان مەزكۇر سۆھبەتتە قازاقىستان ئەلچىسى مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنىڭ تۈپ نىشانىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادا ياشىغۇچى خەلقلەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە تىنچ تەرەققىياتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
بۇ يىغىندا بىردەك ھالدا قىرغىزىستان بىلەن قازاقىستاننىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا قاتنىشىشقا تەييار ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ. بىراق، ھازىرغىچە باشقا دۆلەتلەر تېخى ئېنىق بىر مەيدانىنى ئىپادە قىلمىغان، قىرغىزىستان سىياسەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى نۇر ئوتانوف بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭدىكى سەۋەبنىڭ ئاساسلىق مەزكۇر ئىتتىپاقنى قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىردەك قوللاشقا ئېرىشىلگەن كۆز قاراشنىڭ بولمىغانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىسادنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۆزبېكىستان بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى بەزى ئىختىلاپلار بولۇپمۇ، ئۆزبېكىستان مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى رەھبىرىي دۆلەتلىك سالاھىيەتكە بولغان ئىنتىلىشى تۈپەيلىدىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېز ئېشىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىگە ئېرىشىۋاتقان قازاقىستاننىڭ رايوندا رەھبىرىي دۆلەتلىك ئورۇنغا ئۆتۈشىنى خالىمىغانلىقى تۈپەيلىدىن نازاربايېۋنىڭ بۇ ئىدىيىسىگە رازىلىق بىلدۈرمىگەن بولۇشى مۇمكىن.
نۆۋەتتە، نازاربايېف مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىشىپ بىر ئىتتىپاققا ئايلانغاندا بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىن ئالغا باسىدىغانلىقىنى شەرھىلىگەن ئىدى. 17-18-كۈنلىرى بولسا، بارلىق تۈركىي دۆلەتلىرى ۋەكىللىرى باكۇغا توپلىنىپ، بىرلىشىشنىڭ باشقىچە يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەزەربەيجاندا تۈركىي دۆلەتلىرىنىڭ قېرىنداشلىق قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى
- ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تېررورغا قارشى كۈرەشتىن پايدىلىنىپ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرماسلىقى كېرەك
- مەركىزى ئاسىيا ئىقتىسادى ھەمكارلىق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى دۈشەنبىدە ئۇچراشتى
- خىتاي : ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى "بۆلگۈنچىلىك" ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
- ئۆزبېكىستان -رۇسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى داۋاملىق پۈتۈشتى
- خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاساسلىق رولچى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلمەكتە
- نازاربايېف مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇشنى يەنە تەشەببۇس قىلدى
- رۇسىيە، نەزەربايىفنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتسادىي ئىتتىپاقى پىلانىغا سوغاق مۇئامىلە قىلدى
- قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنىڭ كېلىشتۈرگۈچى ۋەكىلى خىتاي كۆمۈرچىلىك كارخانىلىرىنى ئەيىبلىدى
- خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى رۇسىيە-خىتاي بىرلەشمە مانېۋىرغا قاتناشقانلارنى مۇكاپاتلىدى