ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تېررورغا قارشى كۈرەشتىن پايدىلىنىپ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرماسلىقى كېرەك


2007.11.08

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دېل دېلى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن پايدىلانماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

دېلى 8‏ - نويابىر كۈنى بىريوسىلدا ئازاتلىق رادىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا، "ئەگەر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن ئۆز خەلقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقان بولسا، بۇ ناھايىتىمۇ خاتا بىر ھەرىكەت. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە، تېررورچىلىق ھەققىدە ھەقلىق ئەندىشىلەر مەۋجۇت. لېكىن بۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمان ئاھالىسى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئاھالىسىنى تېررورچىلىقنىڭ مەنبەسى دەپ قارىماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز"دېدى.

دېلى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلمىغان بولسىمۇ، " 2005 يىلى ماي ئېيىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە نامايىشچىلارنىڭ ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان سىياسىتىدە بىر بۇرۇلۇشقا سەۋەب بولدى، ۋاشنگتون كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا كۆز يۇممىدى" دەپ كۆرسەتتى.

دېلى، ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق، مەزكۇر دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى، بىلدۈردى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.