ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 5- نۆۋەتلىك مىنسىتىرلار يېغىنى 20- ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۈتكۈزۈلىدىكەن.
يېغىنغا ئافغانىستان، ئەزەربەيجان، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن مىنىستىرلار قاتنىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېغىنغا مىنستىرلاردىن سىرت يەنە ، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىدىكەن. يېغىندا ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى ھارۇھىكو كورودانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا مۇھىم نوتۇق سۆزلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېڭىشى، يوقىرىدا ئىسمى ئاتالغان دۆلەتلەر ۋە 6 خەلقئارا تەشكىلاتتىن شەكىللەنگەن بىر ئورگان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يېغىندا ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ پائالىيەت پىلانى، رايوندىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.