ئىككى نەپەر ئۆزبېك سىياسىي مەھبۇسى قېيىن‏ - قىستاق ئاستىدا ئۆلتۈرۈلگەن


2007.11.22

ئۆزبېكىستاندا پائالىيىتى چەكلەنگەن ئىسلامىي گۇرۇپپىلارنىڭ بىرى بولغان ھىزبى - تەقرىر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان تاھىر نۇرمۇھەممەدوف ۋە فىترەت سالاھىدىنوف ئىسىملىك 2 ئۆزبېك پۇقراسى تۈرمىدە قيىن-قسىتاقلار نەتىجىسىدە ئۆلگەن. فىترەت سالاھىدىنوفنىڭ جەسىدى 13‏- نويابىر كۈنى، تاھىر نۇرمۇھەممەدوفنىڭ جەسىدى بولسا 15‏- نويابىر كۈنى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تاشكەنتتىن خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئىككى كىشىنىڭ تۇغقانلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى قۇربانلارنىڭ بەدىنىدە قاتتىق تەن جازاسىنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرگەن. قۇربانلار ئۆزبېك ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق كونترولى ئاستىدا دەپنە قىلىنغان بولۇپ، ساقچىلار قۇربانلارنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ مۇخبىرلار بىلەن سۆزلىشىشىگە رۇخسەت قىلمىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستاندا بولۇپمۇ كېلەر ئاي ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنتى سايلىمى ھارپىسىدا، رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلارغا ئەزا بولغان دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغانلارغا قارىتىلغان بېسىم ۋە قېيىن-قىستاقلار تېخىمۇ كۈچەيگەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۆزبېكىستاندا سىياسىي مەھبۇسلارغا، بولۇپمۇ دىنىي سەۋەبلەردىن قولغا ئېلىنغانلارغا تەن جازاسى بېرىش ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلانغان بولۇپ، تۈرمىلەردە قېيىن-قىستاقلار نەتىجىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە ئىكەن. (ئەقىدە‏)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.