ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى خىتاي-تۈركمەنىستان گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنى قوللايدۇ


2007.07.29

26-ئىيۇل كۈنى ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋلادىمىر نوروۋ تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخابادنى زىيارەت قىلغاندا، پرېزىدېنت قۇربانگۈل بەردى مۇھەممەدوف بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزبېكىستان رەھبىرى ئىسلام كەرىموفنىڭ خىتاي- تۈركمەنىستان گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ ئۆزبېكىستاننى كېسىپ ئۆتۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوف بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا گاز تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇش ھەمدە خىتاينى ھەر يىلى 30 مىليارد كۇب مېتىر گاز بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلغان ئىدى. بۇ كېلىشىم ئەسلىدە سەپەر مۇرات نىيازوپ دەۋرىدە ئىمزالانغان بولۇپ، يېڭى تۈركمەن رەھبىرى بۇ قېتىم بۇ كېلىشىملەرنى كۈچكە ئىگە قىلغان.

خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئارىسىدىكى گاز تۇرۇبىسىنىڭ ئۆزبېكىستان، قازاقىستانلار ئارقىلىق ۋە ياكى قىرغىزىستان ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىغا ، ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنلىكى ھەققىدە پەرەزلەر داۋاملاشماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزبېكىستان بىلەن خىتايمۇ 530 كىلومېتىرلىق گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مەيلى تۈركمەنىستان ۋە ياكى ئۆزبېكىستان بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى قىرغىزىستان ، تاجىكىستان ۋە ياكى قازاقىستاندىن ئىبارەت بىر دۆلەتتىن ئۆتمەي ئامال يوق ئىكەن.

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تۈركمەن رەھبىرى پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموفنىڭ ئاشخاباد زىيارىتىنىڭ كۈن تەرتىپىنى مۇزاكىرە قىلغان.

نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىلگىرىكى سوغۇقلىشىپ قالغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىللاشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.