يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان دۇنيا يۈزىدىكى قۇل ئەمگىكىگە سېلىش ئەھۋالىغا ئائىت دوكلاتتا ئۆزبېكىستان پۇقرالىرىنىڭ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىشقا دۇچ كېلىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، ھەر يىلى 500 مىڭ ئۆزبېكىستانلىق چەت ئەللەرگە قانۇنسىز يوللار بىلەن ئىشلەشكە ئېلىپ چىقىلىدىكەن.
ئۆزبېكىستاندىكى ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتى "ئىزگۈلۈك" نىڭ رەھبىرى ۋاسىلا ئىنايەتوۋانىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات رۇسىيە ۋە قازاقىستانلارغا ئىشلەشكە ئېلىپ كېتىلگەن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئۇلارغا ياردەم بېرىش ھەققىدە مەلۇماتلار سۇنغان.
ئۆزبېكىستان ژۇرنالىستى مالىك مەنسۇرنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، نۇرغۇن ئۆزبېكىستان ئاياللىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، جەنۇبىي كورىيە، ھىندىستان، ئىسرائىلىيە، تايلاند قاتارلىق مەملىكەتلەرگە ئالداپ ئېلىپ بېرىلىپ، جىنسىي قۇللۇققا سېلىنغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جىنسىي قۇللۇققا سېلىنغان قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ئېلىدە تۇرمۇش شارائىتى ناچار، ئىقتىسادىي كىرىمگە مۇھتاج بولۇپ، ئالدامچىلار ئۇلارغا يۇقىرى مائاشلىق ئىش تېپىپ بېرىمىز دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۆز دۆلىتىدىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پاسپورت ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنى ئېلىۋېلىپ، باشقىلارغا سېتىۋەتكەن ۋە ياكى جىنسىي ئالاقە سودىسىغا مەجبۇرلىغان. نۆۋەتتە، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ، رۇسىيە، ئۇكرائىنىيە ۋە مولداۋىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىكى ئاياللار بۇ ئەھۋالغا ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىماقتا ئىكەن.
ئۆزبېكىستان ، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستانلىقلار ئەڭ كۆپ بېرىپ ئىشلەيدىغان مەملىكەت رۇسىيە بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ ساننى ئۆزبېكىستانلىقلار تەشكىل قىلىدىكەن. رۇسىيىگە بارغان بۇ مۇساپىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقى ئۈچۈن تۈرلۈك پاجىئەلىك قىسمەتلەرگە ،جۈملىدىن ئۆلتۈرۈلۈش، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىش ھەمدە قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىشتەك خورلۇقلارغا دۇچ كەلمەكتە.
ئەلۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن ئېتنىك تۇغقانچىلىققا ئىگە ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ناھىيىلىرى، يېزا -قىشلاقلىرىدىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاينىڭ ئىچكىرى رايونلىرىغا ئىشلەشكە ئېلىپ كېتىلمەكتە، ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىدىن ئورۇن ئالماقتا. (ئۈمىدۋار)