سەيشەنبە كۈنى، قازاقسىتان ھۆكۈمىتى 1999- يىلى ئۆزبېكىستاندىن قازاقىستانغا قىچىپ كەلكەن بىر ئۆزبېك پۇقراسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار يۈكسەك كومىسارلىقىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلىگە تاپشۇرۇپ بەردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار يۈكسەك كومىسارلىقىنىڭ باياناتچىسى جېنىفەر پاگونىسنىڭ شىۋىتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ئۆزبېك پۇقراىسىنىڭ دەرھال ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ئۆزبېك پۇقراسى ئىيۇن ئىيىدا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، قازاقىسىتان دائىرىلىرىدىن مەزكۇر كىشىنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرماي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر مۇساپىرلار كومىتېتى ۋەكىللىرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.
9- ئاغۇست كۈنى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆزبېكىستاندىن قېچىپ قىرغىزىستاندا پاناھلانغان ۋە سىياسىي پاناھلىق تەلەپلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بەش كىشىنى خەلقئارا جامائەتنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي،ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بەردى.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇ بەش كىشىنى ئۆتكەن يىلى ماي ئىيىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلىمەكتە. (قانات)