چارشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى كافى ئانان قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۆزبېكىستاندىن قېچىپ قىرغىزىستاندا پاناھلانغان ئۆزبېك مۇھاجىرلىرىنى قوغداپ، ئۇلارنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار شۇنداقلا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنى، قىرغىزىستاندا پاناھلانغان ئۆزبېك ۋەتەنداشلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى توختىتىشقا چاقىردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رە ئىسى لۈۋىزا ئاربور، قىرغىزىستاندا پاناھلانغان ئۆزبېك ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە، تەن جازاسى ۋە ئۆلۈم جازاسى قاتارلىق قاتتىق جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن پاكىتلار مەۋجۇت دىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھاجىرلار كومىتېتى، مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ قىرغىزىستاندىكى خادىملىرىنىڭ، قىرغىزىستانغا قېچىپ كەلگەن ئۆزبېك پۇقرا لىرىنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپى مەسىلسى ئۈستىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى، ئۆزبېكىستاننىڭ تەلىپىگە بىنائەن قىرغىزىستانغا قىچىپ كەلگەن ئۆزبېك مۇھاجىرلىرىدىن 29 نەپەر پاناھلانغۇچىنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئەنجان شەھىرىدىكى نارازىلىق نامايىشىنى قاتتىق باستۇرغاندىن كېيىن 500 ئەتراپىدا ئۆزبېكىستان پۇقراسى قىرغىزىستانغا قېچىپ كەلگەن ئىدى.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئەنجان شەھىرىدىكى ۋەقەلەردە 173 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، بىرلەشكەن دۈلەتلەر تەشكىلاتى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەنجاندىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا خەلقئارالىق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلماقتا.
لېكىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئەنجاندىكى ۋەقەلەردە 500 دىن مىڭغىچە ئادەم ئۆلگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. (قانات)