قىرغىزىستان ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بەرمەكچى

دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستان دائىرىلىرى، خەلقئارا جامائەتنىڭ قارشى چىقىشىغا قارىماي، 2005‏- يىلى ماي ئېيىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، قىرغىزىستاندا پاناھلانغان تۆت ئۆزبېك مۇساپىرىنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەگەر ئۇلار ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇلسا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن يۈزلىگەن ئۆزبېك پۇقراسى ئۆزبېكىستاندىن قېچىپ قىرغىزىستاندا پاناھلانغان ئىدى. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى مۇساپىر دەپ ئېتىراپ قىلىپ، ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ ئۇلارنى ياۋروپاغا يۆتكەپ كېتىشىگە رۇخسەت بەرگەن ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قىرغىزىستاندا قالغان.

قىرغىزىستان باش تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى توكتوگۈل كاكچىيىف بىشكەكتە بەرگەن باياناتىدا، قىرغىزىستاندىكى سوتلار قارار چىقىرىپ بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆزبېكىستانغا قايتىشى كېرەك، دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تېخى ئۇلارنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئېنىق بىر كۈن بېكىتىلمىگەن.

ئۆتكەن ھەپتە ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتى، بۇ تۆت ئۆزبېك مۇساپىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرماسلىقىنى ھەمدە ئۇلارنى باشقا بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۈچۈن يا ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىغا تاپشۇرۇشىنى ۋەيا قىرغىزىستاندا تۇرۇشىغا رۇخسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتى، بۇ كىشىلەرنىڭ ب د ت تەرىپىدىن مۇساپىر دەپ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇش، خەلقئارا مۇساپىرلار كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلغانلىق بولىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى 400 ئەتراپىدا ئۆزبېك مۇساپىرىنىڭ ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسى تەرىپىدىن ياۋروپاغا ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغا روخسەت بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزبېكىستاننىڭ بېسىمى بىلەن نەچچە ئونلىغان ئۆزبېك مۇساپىرىنى يوشۇرۇن ھالدا ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بەرگەن. (قانات)