ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۈمە كۈنى رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەنجان ۋەقەسىگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلەنگەن 13 نەپەر ئۆزبېك پۇقراسىنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.
ئىككى كۈن بۇرۇن قىرغىزىستان، 2005- يىلى ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن ئۆزبېكىستاندىن قېچىپ قىرغىزىستاندا پاناھلانغان 5 نەپەر ئۆزبېك پۇقراسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىقلىرىغا قارىماي ئۆزبېكىستانغا قايتۇرغان ئىدى.
ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيە باش تەپتىش ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 13 نەپەر ئۆزبېك پۇقراسىنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇش توغرىسىدىكى تەلىپىنى قوبۇل قىلدى دەپ كۆرسەتكەن.
ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ۋە بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كەرىل دۇگوخت جۈمە كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆزبېك پۇقرالىرىنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇش ئىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ باياناتىدا، مەن رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتى بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا، خەلقئارا قانۇنلارغا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىمەن" دېدى.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، 2005- يىلى ماي ئېيىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، يۈزلىگەن كىشى ئۆزبېكىستاندىن قېچىپ كەتكەن. ۋەقە شاھىتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنجانجان شەھىرىدە كەرىموف ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشى جەريانىدا يۈزلىگەن كىشى ئۆزبېك قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئەمما ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، مەزكۇر ۋەقەدە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان كۆپىنچىسى تېررورچى دەپ قارالغان، 187 كىشىنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)
