ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدىغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ 19-20-مارت كۈنلىرى پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموپنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولدى. تاشكەنت رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، زىيارەت جەريانىدا ئىككى پرېزىدېنت قازاقىستان –ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى جۈملىدىن چېگرا مەسىلىسى ھەم ئىچكى ۋەزىيەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنىڭ تەشەببۇسكارى ھېسابلىنىدىغان نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ بۇ قېتىم ئىسلام كەرىموپ بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلەشكەن-ياكى سۆزلەشمىگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. ئەمما، نازاربايېۋ ئۆتكەن يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنجاندا قوللانغان چارە-تەدبىرىنىڭ ئادىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
"پەرغانە،رۇ "ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۇرسۇلتان نازاربايېۋ" مەن شۇنى بىلىمەنكى، ئەنجاندا سىلەر 26 مىليون ئۆزبېكىستانلىقنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىدىڭلار، پەقەت ئۆزبېكىستانلىقلارنىلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستانلىقلارنى، قىرغىزىستانلىقلارنى ۋە بۇ يەردە ياشاۋاتقان ھەممىنى قوغدىدىڭلار. رازۋېتكا قىلىشلار ئارقىلىق ئېنىق مەلۇم بولدىكى، تەييارلىق كۆرگەن ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ئۆزبېكىستانغا كىرىپ، سىلەرنىڭ ۋەزىيىتىڭلارنىلا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىزنىمۇ مۇقىمسىزلاشتۇرماقچى بولغان ئىدى" دېگەن ھەمدە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا پۈتۈن رايوننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئەنجان ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى ئىسلام كەرىموپنى قاتتىق قوللۇق قىلغانلىق ۋە تىنچ پۇقرالار باستۇرغانلىق بىلەن تەنقىد قىلغان شۇنىڭدەك ئەنجان ۋەقەسى ئۈستىدىن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ لېكىن، ئىسلام كەرىموپ بۇنىڭغا قوشۇلمىغان ئىدى. نەتىجىدە، ئىسلام كەرىموپ ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتكەن.
نازاربايېۋنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتى بۇ ئىككى دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ھەر ئىككىلا دۆلەتتە ئۆكتىچىلەرنىڭ دېموكراتىيىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەقىقىي سايلام قىلىش تەلەپلىرى كۈنسايىن كۈچلۈك بولماقتا. بۇ جەھەتتە ئىككى پرېزىدېنت بىر-بىرىنى قوللاشقا مۇھتاج. (ئۈمىدۋار)