قازاقىستان-ئۆزبېكىستان چېگرىسىدا كىچىك كۆلەمدە توقۇنۇش بولدى

قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان چېگرىلىرىدا كىچىك كۆلەملىك توقۇنۇشلار داۋاملىق يۈز بەرمەكتە. فەرغانە.رۇ ئىنتېرنېت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رۇسىيە مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت ۋىلايىتىنىڭ قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان ياڭى ئاباد يېزىسىدىكى چېگرا نۇقتىسىغا قويۇلغان ۋاقىتلىق سىم-توساقلارنى ئوغرلاش ئۈچۈن قازاقىستان تەرەپتىن كەلگەن ئۈچ كىشى ئۆزبېك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇش ئالدىدا قازاقىستان چېگرىسى تەرەپكە قېچىپ كەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بىر دەمدىن كېيىن قازاقىستان تەرەپتىن 20-25 كىشى كېلىپ، ئۆزبېكىستان چېگرىچىلىرىغا تاش ئېتىشقا باشلىغان. ئۆزبېكلەر ئاسمانغا قارىتىپ ئوق چىقارغان بولسىمۇ، ئۈنۈم بەرمىگەن، كېيىن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا مۇشتلىشىش يۈز بېرىپ، بىر قازاقىستان پۇقراسى ئېغىر يارىلانغان.

بۇ ھەقتە ئۆزبېكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئورنىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇچۇر بەرگەن بولۇپ، خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يارىلانغان قازاقىستان پۇقراسى ئۆزبېكىستان تەرەپكە ئېلىپ كېتىلىپ داۋالىتىلماقتا شۇنىڭدەك بۇ توقۇنۇشىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى دۆلەت چېگرىلىرى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، زېمىن دەۋاسىنى ئاساس قىلغان چېگرا توقۇنۇشلىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ، ئىككى مەملىكەت مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرىسىتىدىغان ئامىللارغا ئايلانغان.(ئۈمىدۋار)