تاشكەنت ۋاشىنگتوندىن يىراقلىشىپ، موسكۋاغا تېخىمۇ يېقىنلاشماقتا

ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقىغاندىن كېيىن تېخى يېقىندىلا رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى تۈزگەن ئۆزبېكىستان مانا ئەمدى مائارىپ جەھەتتە رۇسىيە بىلەن يېڭى ھەمكارلىقلارنى ئورناتتى. رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستانغا ئۆز مەكتەپلىرى كەڭ ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەرغانە رۇ. ئىنتېرنېت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە ئالىي مائارىپ كۆرگەزمىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا رۇسىيە ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىلگىرى ئۆزبېكىستانغا قويغان چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلىپ، كېلەر مەۋسۈمدىن ئېتىبارەن ئۆزبېكىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە ئەمەلدارى ئۆز سۆزىدە ھازىر رۇسىيىدە 6000 ئۆزبېكىستانلىق ئوقۇيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ساننىڭ بىر قانچە ھەسسە كۆپىيىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بۇ قېتىم ئۆزبېكىستان ۋە رۇسىيە ئالىي مەكتەپلىرى ئارىسىدا 50دىن ئارتۇق ھەمكارلىق كېلىشىملىرى تۈزۈلگەن.

ئىسلام كەرىموپنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەندىن كېيىن، ئۇ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ھەتتا يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا تاشكەنت دائىرىلىرى 1995-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۆزبېكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان تەشكىلات " ئامېرىكا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنى" سوتقا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنى قانۇنسىزلىق بىلەن ئەيىبلەپ تاقىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.(ئۈمىدۋار)