پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى رۇسىيىنىڭ تاشكەنت شەھىرىدە سودا ۋاكالەتخانىسى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە مەزكۇر رۇسىيە ۋاكالەتخانىسى رەسمى قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئېرىشكەن.
ئىلگىرى ئۆزبېكىستان رۇسىيىنىڭ مۇنداق ۋاكالەتخانا قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئۆزبېكستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، سودا ھەمكارلىقلىرىمۇ كېڭىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن.
رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ سودا مىقتارىمۇ كۆپەيگەن بولۇپ، 2005 – يىلى 2 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. ھازىر رۇسىيە ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان. نۆۋەتتە، ئۆزبېكىستان دائىرىسىدە 411 ئۆزبېك-رۇسىيە بىرلەشمە شىركىتى ھەمدە مەخسۇس رۇسىيە كاپىتالى بىلەن قۇرۇلغان شىركەتلەر ئىش ئېلىپ بارماقتا
ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، 2001-يىلىدىكى سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن رۇسىيە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى تىكلەشكە باشلىغان بولۇپ، رۇسىيە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە رايون بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلانماقتا، نوۋەتتە، رۇسىيە ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ھەم تاجىكىستان پۇقرالىرى ئەڭ كوپ بېرىپ سودا قىلىدىغان ۋە ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان مەملىكەتكە ئايلانغان.(ئۈمىدۋار)
