ئۆزبېكىستان مەتبۇئاتلىرىدا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ 23 - دېكابىر رەسمىي باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىنماقتا.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە تاشكەنتتىن خەۋەر بېرىشىچە،ئۆزبېكىستان جۇمھۇريىتىدە بۇ يىل 23 - دېكابىر ئېلىپ بېرىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا ، ئىسلام كېرىموفنىڭ يەنىلا پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى قولدىن بەرمەسلىك ئېھتىماللىقى كۈچلۈك ئىكەن.
كەرىموف تاكى ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولمىغان 1989 - يىلىدىن تارتىپ ھاكىمىيەت كۈچىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇ بۇ مەزگىلدە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېكىستانغا تەيىنلىگەن بىرىنچى قول كومپارتىيە سېكرىتارى ئىدى. ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىقىنى ئالغان 1991 - يىلىدىكى تۇنجى پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىن 1995 - يىلى ھەم 2000 - يىللىرىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدىمۇ ئورنىنى ساقلاپ قالغان ھەم ئۆزبېكىستاننىڭ بەش يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلام قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت سايلىمىنى يەتتە يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتكەن.
ئەسلىدە ئىسلام كەرىموفنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىشى ئۆتكەن يىلى يانۋاردا ئاخىرلىشىشى كېرەك ئىدى. ھەر يەتتە يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلىشقا ئۆزگەرتىلگەن قانۇن بۇيىچە بۇ قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمى 23 - دېكابىر ئۆتكۈزىلىدۇ. پرېزىدېنت كەرىموف ئۆزبېكىستاندىكى ئۆزىگە قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرنى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىكتاتور ھېسابلانغان ئىسلام كەرىموف ، 2005 - يىلى ئەنجاندا ئۆز خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى بىلەن خەلقئارا جەمىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئىسلام كەرىموف يەنە خىتاي بىلەن تېررورچىلىققا ئورتاق زەربە بېرىش كېلىشىمى ئاستىدا ھەر جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ بارماقتا.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھۈسەيىن جېلىلنى2006 - يىلى مارتتا ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقىنىدا تۇتۇپ ،خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ھۆسەيىن جېلىل خىتايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. (گۈلچېھرە)