ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق تەلەپ قىلماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار، سىياسىي ھوقۇقلىرىنىڭ كەمچىللىكىدىن ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى ئاشماقتا.

مەزكۇر ئورگاننىڭچارشەنبە كۈنى تاشكەنتتىن خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن. ئۇيغۇرلارنى خىزمەتتە چەتكە قېقىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق سىياسىي، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قۇرۇشىغا يول قويمىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سۇلتان مۇرات، باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارىغاندا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ پەقەت ئۇلارنى مەدەنىيەت ساھەسىدىلا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىر قانچە يەرلەردە تارماق ئورگانلىرىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بېرىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۆزبېكىستاندا ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنىق سانى ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلىپ باقمىدى. خەۋەردە ئىيتىلىشىچە، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشتىن ئەنسىرەيدىكەن.(ئارزۇ)