ئامېرىكا ئۆزبېكىستاندىكى ھەربى بازىسىنى كۈچەيتمەكچى بولدى
2004.08.19
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى قوشۇنلىرىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى بويىچە، ئۆزبېكىستاندىكى ھەربى بازىسىنى كۈچەيتمەكچى بولدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپادىكى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزبېكىستانغا ئوخشاش بىر قىسىم يېڭى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىدىكى ھەربى كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ھەربى ھەرىكەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزبېكىستاننىڭ خان ئاباد ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا قوشۇن تۇرغۇزغان. نۆۋەتتە بۇ بازىدا 1000 دەك ئامېرىكا ئەسكىرى مەۋجۇت.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قىسىم ئانالىزچىلار ۋە ئۆكتىچى سىياسىيونلار ئامېرىكىنىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ھۆكۈمەت بىلەن ئىسلامى كۈچلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرىۋېتىشى مومكىنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە،نۇرغۇن ئۆزبېكلەر ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستانغا تېخىمۇ كۆپ قوشۇن كىرگۈزىشىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى دىكتاتور ھۆكۈمەتنى قوللايدىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ قارايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئۆزبېكلەر ئارىسىدا، ئامېرىكىغا قارشى كەيپىياتنى كۈچەيتىدىكەن. شۇنداقلا ئىسلامىي كۈچلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇملارنى قوزغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئارزۇ)