ئۆزبېكىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى


2004.12.26

ئۆزبېكىستاندا يەكشەنبە كۈنى پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۆزبېكىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ 120 نەپەر ئەزاسى سايلاپ چىقىلىدۇ.

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ تاشكەنتتىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، سايلام پۈتۈن مەملىكەتتىكى 8000 دىن ئارتۇق سايلام پونكىتلىرىدا، يەرلىك ۋاقىت ئەتىگەن سائەت 6 - دىن كەچ سائەت 8 - كىچە ئېلىپ بېرىلغان.

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف پەقەت ئۆزىنى قوللايدىغان بەش پارتىيىنىڭ نامزاتلىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىغا يول قويغان. ئۆزبېكىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنى سايلامغا قاتنىشىشتىن چەكلىگەن. چەتئەلدىكى دېپلوماتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ قېتىمقى سايلامدا دېموكراتىيىنىڭ كەمچىللىكىنى تەنقىد قىلماقتا.

ئىسلام كەرىموف 1991 - يىلى ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيان، دىكتاتور ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىدى. خەۋەرگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستاندىكى نۇرغۇن كىشىلەر سايلامنىڭ بىرەر ئۆزگۈرۈش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، سايلامغا قاتنىشىشنى خالىمىغان.

ئۆزبېكىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە "ئەرك" پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئاتانەزەر ئارىپوفمۇ سايلامنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ، "بۇ قېتىمقى سايلام، خەلقنىڭ سايلام ھوقوقىنى دەپسەندە قىلغان ئەڭ چوڭ دېموكراتىيىسىز ۋە ئادالەتسىز بىر سايلام بولدى" دەپ بىلدۈردى.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستاننىڭ ئىككىنجى قېتىملىق پارلامېنت سايلىمى كىلەر يىلى 1 - ئايدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۆزبېكىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى مەيدانغا كېلىدۇ. سايلامدا ئىسلام كەرىموف ئۆزلۈكىدىن ئۆمۈرلۈك يۇقىرى پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، ئۆمۈر بويى سوراققا تارتىلىشتىن ساقلىنالايدۇ. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.