خەلقئارا جەمئىيەت يەكشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي كۈچ بىلەن نامايىشچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى باستۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەك سىچو يەكشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستاننى دېموكراتىك ئۆزگىرىش ياساشقا چاقىرىپ، " ۋەزىيەت ئىنتايىن ئېغىر، ئۇ يەردە دېموكراتىيە كەمچىل بولماقتا، ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكى يۈز بەرمەكتە" - دېدى.
ئۇ يەنە " مەن ئۆزبېك ئەسكەرلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن، ھەمدە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، مەسىلىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرىمەن" - دەپ بىلدۈردى.
مەركىزى نيو-يوركتىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ يەكشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ، نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىشىنى ئاقلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ۋەقە تېررورچىلىققا باغلىنىشلىق بولماستىن، بەلكى خەلقنىڭ نامراتلىق ۋە باستۇرۇشقا قارشى ھەرىكىتى ئىكەن.
ئەمما ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى. ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ، ئەسكەرلەرنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغانلىقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى. (ئارزۇ)