جۈمە كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلىكتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كوفى ئانناننىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ۋەقە ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەكلىۋىگە ئاۋاز قوشۇپ قوللىدى. ئەمما ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلمىدى.

كوفى ئانناننىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف پەيشەنبە كۈنى كەچتە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ئەنجاندىكى ۋەزىيەتنىڭ پۈتۈنلەي كونترول قىلىنىپ بولغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭغا چېتىلغۇچىلارنى قانۇنىي جازاغا تارتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ يەردە ئەمدى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش زۆرۈرىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقان.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جەپ شېفېر، ئىسلام كەرىموفنىڭ جاۋابىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "مەن ئۆزبېك دائىرىلىرىغا، تەكلىۋىمىزنى قوبۇل قىلىش چاقىرىقىمنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەن" دېدى.
ئۆزبېكىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆزبېكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئەنجاندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن كىشىلەر سانىنىڭ 700 دىن ئاشىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى بۇ ۋەقەدە جەمئىي 169 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى خەلقئارا جامائىتىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە، رۇسىيە بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى كەرىموفنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)