ئۆزبېكىستاننىڭ شەرقىدىكى قاراسۇ شەھىرىدىكى نەچچە يۈزلىگەن ئاھالىلەر شەنبە كۈنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتتىن، ئۆزىنى ئىسلامىي رەھبەر دەپ ئاتىغان بەختىيار رەخىموفنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
بەختىيار رەخىموف پەيشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستان ئارمىيىسى قاراسۇ شەھىرىنى قايتا ئىشغال قىلغاندا قولغا ئېلىنغان. ئۇ ئىلگىرى "ئىسلام دۆلىتى" قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۆزبېكسىتان دائىرىلىرى ئۇنىڭ بىلەن قوشۇپ، قاراسۇدىكى نۇرغۇن ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلغان.
قاراسۇدا ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن بىر ۋاقىتتا، غەرب دىپلوماتلىرى ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە ب د ت نىڭ يىتەكچىلىكىدە، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفقا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتتى. ئۇلار ئىسلام كەرىموفتىن يېقىندا ئەنجاندا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قايتا تەلەپ قىلدى.
بۇ ئارىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئىسلام كەرىموف ئىنتايىن ناچار بولغان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىمىسا، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر دۆلەتكە قىلىدىغان ياردىمىنى يەنىمۇ ئازلىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى ئۆزبېكسىتاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ناچارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، 11 مىليون دوللار ياردەمنى ئاز بەرگەن ئىدى.
ئەنجان شەھىرىدىكى ۋەقەنىڭ شاھىتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۆزبېكىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، ئۆزبېكسىتان دائىرىلىرىنىڭ ئەنجاندىكى خەلق قارشىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشىدا مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بىراق، تاشكەنت دائىرىلىرى ۋەقەدە پەقەت 169 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. (ئارزۇ)