ئۆزبەكىستان ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ ئەنجان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى تەلىپىنى قايتا رەت قىلدى


2005.06.02

ئۆزبەكىستان ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەنجان ۋەقەسى ئۈستىدىن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى قايتا رەت قىلدى. بىراق، بىر قىسىم چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۆزىتىشىگە يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

13 - ماي كۈنى ئۆزبەكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە ھۆكۈمەتكە قارشى ئاممىۋىي نارازىلىق نامايىشلار يۈز بېرىپ، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ئىدى. شاھىتلار ۋە بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋەقەدە مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى خۇپ شەففىر سەيشەنبە كۈنى ئەنجاندىكى زوراۋانلىقلارنى ئەيىپلىگەن ھەمدە ب د ت نىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ۋەقە ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قايتا تەلەپ قىلغان ئىدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى، ئەگەر ئۆزبەكىستان داۋاملىق تۈردە ۋەقە ئۈستىدىن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلسا، ئۆزبەكىستاننىڭ ياۋرو- ئاتلانتىك ھەمكارلىق كېڭىشىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قايتا ئويلىشىدىغانلىقىنى ، شۇنداقلا مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزبەكىستانغا بېرىدىغان ھەربىي ياردىمىنى توختىتىشنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆزبەكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىليار غەنىيېف، ئامېرىكا، فرانسىيە، خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئەنجاندىكى قوراللىق توقۇنۇشنى نازارەت قىلىشىغا يول قويىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

رۇسىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى ھالدا، ئىسلام كەرىموفنىڭ ئەنجاندىكى خەلق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشىنى قوللىغان ئىدى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرۇپ پەيشەنبە كۈنى " ئەنجاندىكى ۋەقەدە چېچەنلەر، تالىبانلار ۋە ئىسلامىي رادىكال كۈچلەرنىڭ قولى بار" دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئۆزبەكىستاندىكى يەرلىك خەلقلەر، ئەنجاندىكى ۋەقەنىڭ ئىسلام كەرىموف ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى ۋە نامراتلىق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.