ئۆزبېكىستان دېموكراتىك كۈچلىرى قۇرۇلتىيى تەسىس قىلىندى

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستاندىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى كۈچلەندۈرۈش ۋە كېرىموف ھاكىمىيىتىنى دېموكراتىك ئىسلاھاتقا ئۈندەشنى مەقسەت قىلىدىغان ئۆزبېكىستان دېموكراتىك كۈچلىرى قۇرۇلتىيى قۇرۇلغان.

مەزكۇر قۇرۇلتايغا ئىسلام كېرىموف تۈزۈمىدىن نارازى بولۇپ، چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتكەن كۆپلىگەن ئۆزبېكىستان سىياسىيونلىرى، ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى شۇنىڭدەك ئالىملار ۋە باشقىلار ئىشتىراك قىلغان.

مەزكۇر قۇرۇلتايغا ئۆزبېكىستاننىڭ ئاتاقلىق ئۆكتىچى پارتىيىلىرىدىن "بىرلىك"، "ئەرك"، "بىردەملىك" ۋە باشقىلارنىڭ رەھبىرىي خادىملىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ھازىرچە جەمىي 163 نەپەر ئەزادىن تەركىپ تاپقان.

5-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئەندىجاندىكى ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنىڭ باستۇرۇلۇشىدىن كېيىن، ئۆزبېكىستاندىكى نارازىلىقلار يېڭى باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، پرېزىدېنت ئىسلام كېرىموف ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى پارتىيە ۋە تەشكىلات ئازالىرىغا قاراتقان تەقىپلەشلەرنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆپلىگەن ئادەملەرنى قولغا ئالغان ئىدى.

سابىق پارلامېنت ئەزاسى جاھاڭىر مەمەتوپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستان دېموكراتىك كۈچلىرى ئۆزلىرىنىڭ چېچىلاڭغۇلىقىغا خاتىمە بېرىپ، بىرلەشمە ھەرىكەت ئارقىلىق ئىسلام كېرىموفنى دېموكراتىك ئىسلاھاتقا قىستاشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تونۇپ يەتكەن. (ئۈمىدۋار)