ئۆزبېكىستان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنجان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلدى

ئۆزبېكىستان، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ش ئا ئو ئە ت قاتارلىق دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئەنجان ۋەقەسى ئۈستىدىن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى بېسىمىغا تىرەجىمەكتە.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنجان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى تەلىپىگە پىسەنت قىلمىدى، ئەمما ئەنجاندىكى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ ئادىل ۋە ئوچۇق - ئاشكارە سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنى نامايىشچىلارغا " ھەددىدىن تاشقىرى قوپال مۇئامىلە قىلىش ۋە خالىغانچە كۈچ ئىشلىتىش" بىلەن ئەيىبلەپ، ياۋروپا كومىتېتىنى كېرىموف ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق تەكشۈرۈشكە يول قويغانغا قەدەر، ئۆزبېكىستانغا ياردەم بېرىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ئەمما ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەنقىدى ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتىغا تايانغان ئاساسسىز ئەيىبلەش، دەپ رەت قىلدى.

ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى يېقىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەنجاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ مەزكۇر تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز، دېگەن ئىدى. ئەمما ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر ئۆمەككە قاتنىشىشنى رەت قىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، "بىز بۇنىڭ تەرەپسىز خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يىتەلمىدۇق،" دەپ تەكىتلىگەن. ئەمما رۇسىيە بىلەن خىتاي خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە قارشى چىققان. (ئەركىن)